سىناق

ئەلدەربەگ 80 قېتىم كۆرۈلدى تۈرگە ئايرىلمىغان


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12-ئاينىڭ 13-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-ئاينىڭ 12-كۈنى، خۇنەن ئۆلكىسى خېڭياڭ شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىن ئىگىلىنىشىچە، تاۋار ئۆي سېتىش ھەرىكىتىنى يەنىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، ئۆي-مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 2025-يىل 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، خېڭياڭ شەھىرىدە تاۋار ئۆيلەرنىڭ ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمىگە ئاساسەن باھا ھېسابلاپ سېتىش يولغا قويۇلىدۇ.

خېڭياڭ شەھەرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە پىلان ئىدارىسى، خېڭياڭ شەھەرلىك تۇرالغۇ ئۆي ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى، خېڭياڭ شەھەرلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى يېقىندا بىرلىكتە بېسىپ تارقاتقان «پۈتۈن شەھەردىكى تاۋار ئۆيلەرنى سېتىشتا ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمىگە ئاساسەن باھا ھېسابلاش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»تا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمى ‐‐ مەخسۇس قۇرۇلۇش كۆلىمى بولۇپ، ئۆي ئىچىنىڭ ئىشلىتىلىش كۆلىمى، ئۆينىڭ تام كۆلىمى ۋە ئۆي بالكونىنىڭ قۇرۇلۇش كۆلىمىدىن ئىبارەت ئۈچ قىسىمدىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۆي-مۈلۈك تەرەققىيات كارخانىلىرى تاۋار ئۆي تور توختامى ئىمزالىغاندا، ئۆي سېتىۋالغۇچىلار بىلەن ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمى (مەخسۇس قۇرۇلۇش كۆلىمى) بويىچە تاۋار ئۆي باھاسىنى ھېسابلىشى كېرەك، كۆلەم ماجراسى ماددىلىرىدا، ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمى ۋە ئۆي ئىچى قۇرۇلۇش كۆلىمى باھاسىنى كۆلەم ماجراسىنى بىر تەرەپ قىلىشنىڭ باھا ھېسابلاش ئاساسى قىلىش كېرەك، دەپ ئېنىق پۈتۈشۈشى كېرەك. ئۆي مۈلۈك ھوقۇقى ئىگىلىرىنىڭ ئىمارەتنىڭ مەخسۇس قىسمىدىن باشقا ئورتاق قىسمىغا قارىتا قانۇن بويىچە بەھرىمەن بولىدىغان ھوقۇق ۋە ئۈستىگە ئالىدىغان مەجبۇرىيىتى تاۋار ئۆي سېتىشتىكى باھاسى ھېسابلاش ئۇسۇلىنىڭ ئۆزگىرىشى سەۋەبىدىن تەسىرگە ئۇچرىمايدۇ.

ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئۆي-زېمىن تەرەققىيات كارخانىلىرى ئۆي سېتىشتىن بۇرۇن، سالاھىيىتى بار ئۆلچەش-سىزىش ئورۇنلىرى چىقىرىپ بەرگەن مۇقىم مۈلۈك ئۆلچەش-سىزىش دوكلاتى ۋە تۆۋەندىكىدەك تەڭ چېچىش ئەھۋالىنى ئېلان قىلىشى كېرەك: تەڭ چېچىلغان ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان ئورۇننىڭ نامى، ئىشلىتىلىش ئورنى، ئورنى، كۆلىمى؛ تەڭ چېچىلغان ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قۇرۇلۇش كۆلىمىگە قاتناشقان تاۋار ئۆيلەرنىڭ نامى، ئىشلىتىلىش ئورنى، ئورنى، كۆلىمى، تەڭ چېچىلىش كوئېففىتسېنتى؛ تەڭ چېچىلمايدىغان ئورتاق ئىشلىتىلىدىغان قىسمى.

  • alipay_img
  • wechat_img
ھەر كىم ئۆز تەغدىرىنىڭ تۈمۈرچىسى
ئەڭ ئاخىرىدا يېڭىلىنىدۇ 2024-12-27