مەرھابا ، ئەزىز دوستۇم ! باسقان قەدىمىڭىز قۇتلۇق بولسۇن !
« 1-ماي » خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى دۇنيادىكى 80 نەچچە دۆلەتنىڭ مەملىكەتلىك بايرىمى ، پۈتۈن دۇنيادىكى ئەمگەكچى خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىش بايرىمى، ۋاقتى 5-ئاينىڭ 1-كۈنى «1-ماي»خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى 1889-يىلى 7-ئايدا 2-خەلقئارانىڭ پارىژدا ئۆتكۈزگەن يىغىندا 5-ئاينىڭ 1-كۈنىنى « 1-ماي » خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى قىلىپ بېكىتتى
1-ماي خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە ھۆكۈمىتى گەۋدىلىك تۆھپە قوشقان ئەمگەكچىلەرنى تەقدىرلەيدۇ ، يىغىلىش ياكى مەدەنىيەت-تەنتەربىيە پائالىيىتى ئۆتكۈزدى . 1949-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى، مەركىزىي خەلق ھۆكۈمىتى جېڭۋۇيۇەن « 1-ماي » خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىنى خاتىرىلەشكە ۋە تەبرىكلەشكە ئەرزىيدىغان بايرام قىلىپ بېكىتىپ ، بىر كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرىلدى ، 1999-يىلى يەتتە كۈنگە تەڭشىلىپ ، ئالتۇن ھەپتە شەكىللەندۈرۈلدى . 2008-يىلىدىن كېيىن ، 1-ماي دەم ئېلىش مەزگىلى قىسقىراشقا باشلىدى ، ئىلگىرى ئۈچ كۈن ، تۆت كۈن ، بەش كۈن قويۇپ بېرىش ئەھۋالى كۆرۈلدى . 2025 ـ يىلىدىن باشلاپ ، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا ئىككى كۈن دەم ئېلىنىدۇ ( 5 ـ ئاينىڭ 1 ـ، 2 ـ كۈنلىرى ). 2025-يىللىق « 1-ماي » خەلقئارا ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق كونكرېت دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى: 2025-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-كۈنىگىچە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ، دەم ئېلىش ۋاقتى تەڭشىلىپ، جەمئىي بەش كۈنگە ئۆزگەرتىلدى
ئەمگەكچىلەر بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن تورايىمىز كەڭ تورخۇمارلارغا WordPress ئۇسلۇبى Sakuraio نىڭ 2.7.2 نەشىرىنىڭ ئۇيغۇرچە نۇسقىسىنىڭ دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنماقچىمەن ، Sakuraio ئۇسلۇبى تاق بەت يۈزلىك بىلوگ ئۇسلۇبى بولۇپ ئىشلىتىشچانلىقى ناھايىتى ياخشى لىكىن كەمىنە تارقاتقىنى ئەڭ يېڭى نەشىرى ئەمەس ، ۋاقىت سەۋەبىدىن يېڭى نەشىرىنى تەرجىمە قىلىنمىدى ، ئەگەر يېڭى نەشىرىگە ئىھتىياجىڭىز بولسا تۆۋاندىكى يازمىنى كۆرۈڭ
ئۇسلۇپ بەقەت 5 كۈن تارقىتىلىدۇ ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ چۈشۈرۋالغايسىلەن ، ئەلۋەتتە ئەجرىم ئۈچۈن بىر تال مىھىرلىك باھايىڭىزنى قالدۇرغاندىن كىيىن چۈشۈرەلەيسىز ، قوللىغىنىڭلارغا رەھمەت