CSS ھەققىدە

CSS ھەققىدە

سالام ئەزىزلەر ! بۈگۈن تورخۇمارلار بىلەن CSS ھەققىدە ئورتاقلىىشىمىز ، ئۇسلۇپ ئۆزلەشتۈرۈش ئۇسلۇپ گۈزەللەشتۈرۈش ئىشلىرىدا CSS ئاساسلىق رول ئۇينايدۇ ، ئەمىسە كەتتۇق …

CSS دېگەن نېمە؟
CSS قەۋەتلىنىش شەكلى دەپمۇ ئاتىلىدۇ، ﻫەمدە HTML خاسلىقى ياكى بۇيرۇق قاتارلىقلارنى ئىزاﻫلاشتا ئىشلىتىدۇ، ئۇ يەنە ئۆزىدە ئەسلىدە بار بولغان بىر قىسىم خۇسۇسىيەتلەرنى (مەسىلەن، خەت شەكلى، چوڭ-كىچىكلىكى، رەڭگى قاتارلىقلارنى) كونترول قىلىپلا قالماستىن، بەلكى HTML نىڭ يەنە بىر قىسىم خۇسۇسىيەتلىرىنىمۇ كونترول قىلىدۇ، مەسىلەن ئوبيېكت ئورنى، رەسىم ئۈنۈمى، مائۇس كۆرسەتكۈچى قاتارلىقلار. قەۋەتلىنىش شەكلى ئارقىلىق بىر قېتىمدا كۆپلىگەن تېكىست ﻫۆججەتلىرىنى كونترول قىلغىلى بولىدۇ، ﻫەمدە CSS دىكى مەزمۇنلارنى خالىغانچە ئۆزگەرتىپ، تېكىست ﻫۆججەتلىرىنىڭ شەكلىنى ئاپتوماتىك يېڭىلىغىلى بولىدۇ. كۆچۈرۈپ يۆتكەش ياخشى ئىش ئەمەس .
CSS تېخنىكىسى تور بەت ياساشتىكى مۇﻫىم بولغان تېخنىكا بولۇپ، CSS تېخنىكىسى ئارقىلىق بېكەتنى بىزەش ئىلىپ بارغىلى، بەتنى كۆركەم، ئېچىلىش سۈرئىتى تېز قىلىپ ياساپ چىققىلى بولىدۇ

تور بەت ئۇسلۇب ﻫۆججىتى CSS دىكى ئاتالغۇلار
Body بەدەن ، مەلۇم بىر پروگرامما بۆلەكلىرىنىڭ گەۋدىسى
Font-Family خەت نۇسخىسى ، خەت نامى
Font-Size خەت چوڭلۇقى ، خەت زىچلىقى
Magin سىرتقى بوش ئورۇن ، تور بەت قۇرۇلمىسى بىلەن بەت قىرىنىڭ قېلىپ قالىدىغان ئارىلىقى
Magin-Top ئۈستى تەرەپتىكى بوش ئورۇن
Magin-Right ئوڭ تەرەپتىكى بوش ئورۇن
Magin-Left سول تەرەپتىكى بوش ئورۇن
Magin-Bottom ئاستى تەرەپتىكى بوش ئورۇن
Border سىرتى تەرەپ، ياقىسى
Border-Top سىرتقى ئۈستى تەرەپ
Border-Right سىرتقى ئوڭ تەرەپ
Border-Left سىرتقى سول تەرەپ
Border-Bottom سىرتقى ئاستى تەرەپ
Padding ئىچكى بوش ئورۇن ، ئوبيىكتنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى بوش ئورۇن
Padding-Top ئىچكى بوش ئورۇن ئۈستى تەرەپ
Padding-Right ئىچكى بوش ئورۇن ئوڭ تەرەپ
Padding-Left ئىچكى بوش ئورۇن سول تەرەپ
Padding-Bottom ئىچكى بوش ئورۇن ئاستى تەرەپ
Td جەدۋەلنىڭ سىتون كاتىكى
Th جەدۋەلنىڭ قۇر كاتىكى
Float لەيلەش ( لەيلىمە ئېلان كودىدا كۆپ ئىشلىتىلىدۇ )

© نەشر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ !
ماختاش5 分享
باھا 抢沙发
باش سۈرەت
بىر باھا بىر كۆڭۈل ....
يوللاش
باش سۈرەت

昵称

取消
昵称表情代码图片تىز جاۋاپ

    暂无评论内容