تورخۇمارغا غا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

تورخۇمارغا غا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز !

تېچلىقمۇ، ئەزىزلەر!
تور دۇنياسىغا قەدەم قويغىلى شۇنچە يىللار بوپتۇ . ئويلاپ باقسام تور دۇنياسىنى ئايلىنىپ يۈرۈپ نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بوپتىمەن . شۇ ئازغىنە بىلىملىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشىپ ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ ، خېلى بىلىمگە ئىگە بولۇپ قالدىم . مەن ئۈچۈن مۇشۇنىڭ ئۆزى چوڭ بىر غەنىيمەت ئىدى .
دەسلىۋىدە كەمىنە ئىقتىدارسىز بولغانلىقىم ئۈچۈن تور دۇنياسىدا ئۈسىدىغان يەر تاپالماي پىرقىراپ يۈرۈپ مۇئەللىم بىلوگىنىڭ قۇرزۇچىسى يەنى توردۇنياسىدىكى مىنىڭ ئۇستازىم بولغان ئۆمەرجان مۇئەللىم بىلەن تۇنۇشۇپ ئۇستازنىڭ يىتەكلىشى بىلەن تور بىكەت قۇرۇش ئىشلىرىغا قىززىقتىم ۋە بۇ ھەقتتە توختىماي ئىزدىنىش ۋە ئۈگۈنۈش ئارقىلىق ئاخىرى يەنى 2012-يىلى 10-ئايدادىن باشلاپ تور بەتنىڭ مەھەللە سەھىپىسىدىن «ئەلدەربەگ بىلوگى ، لۇتۈن بىلوگى ، ئارتۇچ بىلوگى ، كەپەم بىلوگى ، تەرقۇت بىلوگى ۋە تورخۇمار بىلوگى » نامدا شەخسىي مەھەللە قۇردۇم ، 2017-يىلى 6-ئايدا ئاتۇچ بىلوگىنى بىراقلا تاقىۋەتتى .
تور دۇنياسىدىكى ئەڭ ئالقىشلانغان مەھەللەم يەنى ئۆزۈمگە خاس بولغان شەخسىي ئۆيۈم يوق بولۇپ كەتتى . 2017-يىلى 10-ئاينىڭ باشلىرىدا تارتقان جاپالىم ئىچىمگە پاتماي شاڭگاڭ بوشلۇقىدىن ئېلىپ داۋامىق تۈردە بىلوگ يەنى شەخسىي ئۆيۈمنى يۈرگۈزگەن بولدۇم ، شۇ تەرەققىدە بۇ يىل تورخۇمار تور تۇرايىنى ئەنگە ئالدۇرۇپ قايتىدىن يەنە بىكەتنى تۆۋەندە سىلەر كۆرىۋاتقاندەك رەتلەپ تۇرۇپتىم ، بۇ جەرياندا مىنى قوللاپ كەلگەن ئوقۇرمەنلەرگە زور قۇلايسىزلىقلارنى ئېلىپ كەلگىنىمدىن تۆۋەنچىلىك بىلەن كەچۈرۈم سورايمەن ؟
تور دۇنياسىمۇ ئۆز ئالدىغا بىر دۇنيا ، « بلوگ » بولسا بۇ مەۋھۇم دۇنيادىكى سېنىڭ مەھەللەڭ ، شەخسىي ئۆيۈڭ ، ئۆزۈڭ خالىغانچە ياسايسەن ، بېزەيسەن . بۇ ئۆيدە نېمە ئىش قىلىشنى خالىساڭ شۇنى قىلالايسەن . بىرەرسى بۇنى قىلما ! دەپ چەكلىيەلمەيدۇ . مانا بۇ تور دۇنياسىدىكى « بلوگ » .
مېنىڭ چۈشەنچەمدىكى « بلوگ » ئۇقۇمى مۇشۇلار بولغاچ ، ئايرىم ئىسىم ۋە بوشلۇق ئېلىپ يېڭى بلوگ ئاچتىم . مەن ، كومپيۇتېر ئۇستىسىمۇ ئەمەس ، پروگراممىرمۇ ئەمەس . بىراق مەن تور دۇنياسىدا ئۈگەنگەنلىرىمنى تورداشلار بىلەن ئورتاقلىشى ھەقسىز ۋە ھەقلىق مۇلازىمەت قىلىش ئاساسلىقى تورداشلا بىلەن ئورتاق ئىلگىرلەشنى مەخسەت قىلغانمەن
مەن يازغان نەرسىلەرنى ئوقۇشقا قىزىقسىڭىز بلوگىمنى زىيارەت قىلىپ تۇرۇڭ . بلوگقا كۈندە يېڭى تېما يوللىنىدۇ دەپ كاپالەت بېرەلمەيمەن . چۈنكى مەنمۇ بىر ئىنسان ، مېنىڭمۇ نۇرغۇن ئىشلىرىم بولىدۇ . شۇ ئالدىراشلىقلىرىمنى تۈگۈتۈپ كىرگەندە ، پارچە-پۇرات يازمىلارنى ھوزۇرىڭىزغا سۇنىمەن . مەن يازغان ئاشۇ ئاددىي يازمىلارنى ياقتۇرسىڭىز بلوگىمنى يوقلاپ تۇرۇڭ ، سىزنى ھەر ۋاقىت قارشى ئالىمەن !
ھۆرمەت بىلەن :~~~تورخۇمار

© نەشر ھوقۇقى باياناتى
THE END
ياقتۇرغان بولسىڭىز قوللاپ قويۇڭ !
ماختاش11 分享
باھا 共1条
باش سۈرەت
بىر باھا بىر كۆڭۈل ....
يوللاش
باش سۈرەت

昵称

取消
昵称表情代码图片تىز جاۋاپ
    • باش سۈرەتWordPress ئىنكاسچى0